دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «قارا ۋابا» نىڭ داۋاسى يوق

ئافرىقا سەھىيە كىرىزىس مەزكىرى، يېقىنقى بەش كۈن ئىچىدە ۋابا يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %37 ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

842521
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «قارا ۋابا» نىڭ داۋاسى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئافرىقىدا ھازىرغىچە جەمئىي 1800 ئادەمگە يۇققان، 127 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «قارا ۋابانىڭ دورىسى يوقلۇقىنى، ۋابا يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %88 ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رايوندىكى سەھىيە كىرىزىس مەزكىرى، يېقىنقى بەش كۈن ئىچىدە ۋابا يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %37 ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەسلەپتە ماداغاسقاردا پەيدا بولغان «ماربۇرگ» ناملىق قارا ۋابا ئېبولا ۋىرۇسىغا ئوخشاش قىزىتما ئۆرلەش، توڭۇش، باش ئاغرىقى دېگەندەك ئالامەتلەر ئارقىلىق باشلىنىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىگە چىقىرىلغان باياناتتا، كېسەللىك ۋاقتىدا بايقالغان تەقدىردە پېنسىلىن قاتارلىق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئۇكۇللىرى بىلەن داۋالىۋالغىلى ھەتتا ئۆلچەملىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى، بىراق نۆۋەتتە مەزكۇر باكتېرىيەنى پۈتۈنلەي يوقىتالايدىغان داۋالاش تۈرىنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقا ئىشخانىسى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كوردىناتورى دوكتور زابۇلون يوتى، «جىددىي مۇداخىلە قىلىشتا جەمئىيەتمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى مۇھىم» دېدى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يەرلىك خەلقلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ – ئادەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

قارا ۋابا 14 – ئەسىردە ياۋروپادا باش كۆتۈرۈپ، 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر