باغداد بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدا راسخوت كىرىزىسى يۈز بەردى

باغداد ھۆكۈمىتى 2018-يىللىق راسخوت پىلانىدا ئەربىلگە بېرىلىدىغان ئۈلۈشنى قىسقارتىشنى پىلانلىدى.

842561
باغداد بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدا راسخوت كىرىزىسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىللىق راسخوت پىلانىدا ئەربىلگە ئاجرىتىلغان ئۈلۈشنىڭ %5نى قىسقارتىۋېتىشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىراق ھۆكۈمىتى تەييارلىغان 2018-يىللىق راسخوت پىلانى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ غۇلغۇلا قوزغىدى.

2004-يىلدىن بۇيان ئىراق ئومۇمىي راسخوتىنىڭ %17ى ئەربىل ھۆكۈمىتىگە ئاجرىتىلىپ كېلىنىۋاتقانىدى.

باغداد ھۆكۈمىتى 2018-يىللىق راسخوت پىلانىنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنى 91 مىليارد دوللارلىق قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ چىقىم نېفىت ئېكسپورتىدىن كېلىدىغان كىرىم بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراق ھۆكۈمىتى كۈندە 3 مىليون 800 مىڭ ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلىدىكەن.

راسخوت پىلانىدا ئىراقنىڭ كۈندىلىك ئومۇمىي نېفىت ئېكسپورتىنىڭ 250 مىڭ ۋارىل قىسمىنىڭ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رايونلاردىن تەمىنلىنىدىغانلىقى، كەركۈكتىن بولسا كۈندە چىقىرىلىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ 300مىڭ ۋارىل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىراق  كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى 25-سېنتەبىردە قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كەركۈك بولۇپ نۇرغۇن تالاش-تارتىشلىق رايونلاردا نوپۇزىنى قايتىدىن تىكلىگەن باغداد ھۆكۈمىتى، ئەربىل ھۆكۈمىتىگە بېرىلىدىغان راسخوت مىقدارىنى ئازايتىشىنى پىلانلىغان بولسا، ئىراق پارلامېنتىدىكى كۈرت پارلامېنت ئەزالىرى راسخوت لايىھەسىگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

يېڭى راسخوت لايىھەسىدە كۆرستىلىشىچە، ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى باغداد ھاكىمىيىتىدىن 6 مىليارد 77مىليون دوللار ئۈلۈش ئالىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندىكى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق مائاشىغىلا 8 مىليارد 47 مىليون دوللار كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر