سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراق ۋە لىۋانغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىراق پايتەختى باغدادقا ۋە لىۋان پايتەختى بېيرۇتقا يېڭى باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى.

841456
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراق ۋە لىۋانغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بوش تۇرغان باغداد بىلەن بېيرۇت باش ئەلچىلىكىگە يېڭى باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، باغداد ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىلىكىگە ئابدۇلئەزىز بىن خالىد ئەششەمرى، بېيرۇت ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ۋەلىد بىن مۇھەممەد ئەل ياقۇب تەيىنلەنگەن. يېڭى باش ئەلچىلەر رىيادتىكى ئەليامانە سارىيىدا، پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ھۇزۇرىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىلىرىنى باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر