جەنۇبىي كورېيە بىر تۈركۈم شىمالىي كورېيەلىكلەرنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 18 كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، سېئول دائىرىلىرىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە لىۋىيەدە ئىشلەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك شىمالىي كورېيە بانكىرلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
سېئۇل ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن بىر تەرەپ ئېمبارگوسى ئارقىلىق پيوڭياڭنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى كۆزلىمەكتە.
قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ئىسىملىرى جەنۇبىي كورېيە رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.
جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ شىمالىي كورېيە بانكىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پيوڭياڭ دائىرىلىرىنى ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللارنى ياساپ چىقىشتا موھتاج بولۇۋاتقان مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، پيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى 6 -، شۇنداقلا ئەڭ كۈچلۈك يادرو سىنىقىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيەنىڭ نېفىت ئېمپورت قىلىشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.