پ ك ك تەرەپدارلىرى گېرمانىيە ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

840935
پ ك ك تەرەپدارلىرى گېرمانىيە ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۈسسېلدورف ساقچىلىرى، گېرمانىيەدە مەنئى قىلىنغان پ ك ك غا سىمۋوللۇق قىلىدىغان رەخت پارچىلىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلىپ يۈرمەسلىك شەرتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى، شەھەرنىڭ مەركىزىي پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ يۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىدى.

پ ك ك  تەرەپدارلىرى، چەكلەنگەن سىمۋوللۇق نەرسىلەر ۋە رەسىملەرنى كۆتۈرۈپ ماڭغان نامايىشچىلارنى  ئاگاھلاندۇرغان ئاپتوموبىللىق ۋە ئاتلىق ساقچىلارغا، شېشە ۋە بايراق دەستىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ساقچىلار قالايمىقانچىلىق چىقارغان پ ك ك  تەرەپدارلىرىغا ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە كالتەكلەر بىلەن مۇداخىلە قىلدى. سۈركىلىش جەريانىدا بىر قىسىم نامايىشچىلار يېنىك يارىلاندى، بىر قىسىم نامايىشچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر