ۋېيتنام ئەڭ دەھشەتلىك تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

ۋېيتنام يېقىنقى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ دەھشەتلىك تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى.

840668
ۋېيتنام ئەڭ دەھشەتلىك تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېيتنامدا يۈز بەرگەن يېقىنقى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ دەھشەتلىك تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بوران - چاپقۇن دەل – دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ ئۇچۇرتۇپ كەتكەن. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە 3 كىشى قازا قىلغان.

8 – 10 – نويابىر كۈنلىرى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان ۋېيتنامدا يىغىن جەريانىدىمۇ قارا يامغۇرنىڭ يېغىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر