چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللىرسۇن بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

840651
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللىرسۇن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئالانيادا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىككى ئەھۋالنى تەكرارلىدىم: بىرىنچىسى،  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئامېرىكىدا بولۇشى، ئىككىنچىسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ گە بېرىلگەن قورال – ياراغلار.»

ئۇچرىشىشتا، نىيۇ يوركتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى، تىللىرسۇننىڭ پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پ ك ك غا قارشى تەدبىر قوللىنىشىمىز لازىم. چۈنكى ئامېرىكا بۇ ھەقتە بىزگە ئاللىقاچان ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. تىللىرسۇن سودا دۇنياسىدىن كېلىپ چىققاچقا، مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنەلەيدۇ. ھەرقانداق بىر مەسىلىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ، جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق. تېلېفون سۆھبىتىمىز سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر