ئىراق ئارمىيەسى ئەل قائىمنىڭ مەركىزىگە كىردى

ئىراق ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىدىكى فىرات دەرياسى ئۈستىگە جايلاشقان ئەل قائىمنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى.

840342
ئىراق ئارمىيەسى ئەل قائىمنىڭ مەركىزىگە كىردى
ırak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاخىرقى قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان ئەل قائىمغا كىردى. ئىراق ئارمىيەسى ئۈچ يېزا ئارقىلىق ئىلگىرىلىدى. رايوننى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلغان سۈننىي قەبىلىلەرمۇ بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرىغا ياردەم قىلدى.

ئەل قائىم قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتا ئىگەللىۋالغان زېمىندىكى ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 26-ئۆكتەبىر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدا قالغان ئاخىرقى رايونلاردىن ئەل قائىم ۋە راۋايىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر