لاۋروۋ بىلەن تىللېرسون سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون تېلېفوندا كۆرۈشتى.

840161
لاۋروۋ بىلەن تىللېرسون سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، لاۋروۋ بىلەن تىللېرسوننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدىكى تېررورنىڭ مەنبەسىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ۋە دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى مەسىلىسى توغرىسىدا  سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مىللىي دىيالوگ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتتىكى مەسىلىلەرنى سىياسىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا خەلقئارانىڭ قوللىشىنى پائاللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، سېرگېي لاۋروۋنىڭ ب د ت بىلەن خىمىيەلىك قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر