ئامېرىكا ئۇسامە بىن لادىنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ سابىق رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىنغا مۇناسىۋەتلىك 470 مىڭ  ھۆججەتنى ئېلان قىلدى.

839495
ئامېرىكا ئۇسامە بىن لادىنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆججەتلەر ئۇسامە بىن لادىنغا ئائىت خاتىرە دەپتەر ۋە 180 مىڭ پارچە ھۆججەتتىن سىرت يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە تەرىپىدىن تۈرلۈك مەقسەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ۋە فوتو سۈرەتلەردىن تەشكىل تاپقان 79 مىڭ ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنۈشلۈك ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇسامە بىن لادىنىڭ ئوغلى ۋە كەلگۈسى ۋارىسى ھەمزە بىن لادىنغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر، بىن لادىننىڭ نۇتۇقلىرى ۋە ئەلقائىدەنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن  تەشكىل تاپقان 10 مىڭ پارچە كۆرۈنۈشلۈك ھۆججەتمۇ ئېلان قىلىندى.

ئۇسامە بىن لادىننىڭ پاكىستاننىڭ ئاببوتتاباد ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى 2015 -، 2016 – يىللىرى ۋە 2017 – يىلى يانۋاردا مىللىي ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانىدى.

ئۇسامە بىن لادىن 2011 – يىلى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئاببوتتابادتىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر