ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مايكېل فالون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فالون ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەيغا سۇنغان ئىستېپانامىسىدە مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان مېنىڭ ئىلگىرىكى سۆز – ھەرىكەتلىرىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ھەققىدە بىرقانچە دەۋا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خاتا بولۇپ، ئىلگىرى مەن ۋەكىللىك قىلغان قوراللىق قىسىملارنىڭ ئۆلچەملىرىدىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى قوبۇل قىلىمەن.»
ئەنگلىيە پارلامېنتى يېقىندىن بۇيان بەزى ۋەزىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھاپىزىكار 40 پارلامېنت ئەزاسى چېتىلغان جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ئەيىبلەشلىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلمەكتە.
سەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مايكېل فالون بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى قىلغان جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئىقرار قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.