ترامپ: يېشىل كارت پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نىيۇ يوركتا سەككىز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنى، گۈەنتانامو تۈرمىسىگە ئەۋەتىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

839104
ترامپ: يېشىل كارت پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مۇخبىرلارنىڭ تۈنۈگۈن (1-نويابىر) نىيۇ يوركتا يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇم توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پىرېزىدېنت ترامپ نىيۇ يورك ساقچى دائىرىلىرى ئىسمىنى «سەيفۇللاھ سەئىپوۋ» دەپ ئېلان قىلغان جىنايەتچىنىڭ، ئامېرىكانىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كارتى-يېشىل كارتقا ئىگە بولغان كىشى ئىكەنلىكىنى ۋە 2010-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۈگۈندىن باشلاپ ھەر خىل كۆچمەنلىك ۋىزا لاتارىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىشىنى باشلايمىز، كونگرەدىن بۇ پىروگراممىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ دەرھال باشلىنىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ئۇ مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ئاڭلىماققا قۇلاققا خۇش ياقىدىغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكا ئۈچۈن ياخشى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز كىشىنىڭ قابىلىيىتىنى ئاساس قىلىدىغان پىروگراممىغا ئۆتۈشنى خالايمىز، بۇ دۆلەتكە كىشىلەر قابىلىيىتىگە قاراپ كېلىشى كېرەك، يېشىل كارتقا ئىگە بولغان بىر كىشى ئائىلىسى ۋە يېقىنى بولغان كىشىلەرنى ئامېرىكاغا ئەكىلەلەيدىغان كۆچمەن زەنجىرىدىن قۇتۇلىشىمىز كېرەك، كونگرەنىڭ ھازىرمۇ كۆچمەن زەنجىرى پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بەزى لايىھەلىرى بار ئىدى، ئەمدى بۇ پىروگراممىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئۇ سەيفۇللاھ سەئىپوۋ بىلەن بىللە كۆچمەن زەنجىرى ئىچىىدە 23 كىشىنىڭ ئامېرىكاغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭمۇ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ جىنايەتچىنى «ھايۋان» دەپ ئاتىدى ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئىنچىكە ھەمدە كەڭ دائىرەلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن فېدېراتسىيە مەسئۇللىرىنىڭ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 2010-يىلى ئۆزبېكستاندىن ئامېرىكاغا كەلگەن ۋە نىيۇ يوركتا سەككىز ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سەيفۇللاھ سەئىپوۋنى گۈەنتانامۇ لاگېرىغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتە: «راست، شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ئۇنى گۈنتاناموغا ئەۋەتىڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر