شىمالىي ئىراق باغدادنىڭ باياناتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادىنىڭ «رايوندىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىرى» نى بېرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

839400
شىمالىي ئىراق باغدادنىڭ باياناتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېتى، ھۆرمەتلىك ئىبادىنىڭ 1 مىليون 249 مىڭ دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ مائاشىنىڭ بېرىلىشى توغرىسىدىكى باياناتىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئېلېكتىرونلۇق مۇھىتتا تىزىملىكى بار بولغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ 712 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى مائاشلىرىنى بەرمەكچى بولغان دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە تۈرلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، «266 مىڭ پەشمەرگە، 483 مىڭ ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمى، 159 مىڭ مېيىپ ۋە ئىجتىمائىي ياردەم ئالغۇچى، 96 مىڭ شېھىتلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە 244 مىڭ پىنسىيونېر بارلىقى» ئەسكەرتىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، پەشمەرگە ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىكى پۈتكۈل دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى يېقىندا بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر