ئامېرىكا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا «كۆڭۈل بۆلۈش»كە باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئاركانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن بىرما بىلەن باڭلادىشقا ھەيئەت ئەۋەتتى.

836593
ئامېرىكا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا «كۆڭۈل بۆلۈش»كە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى نوپۇس، مۇساپىرلار ۋە كۆچ ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ ۋەكىلى سىمون ھېسشېيۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرما ۋە باڭلادىشقا بېرىپ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرۇلۇق ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەيئەتنىڭ 29-ئۆكتەبىردىن 4-نويابىرغىچە  بىرما بىلەن باڭلادىشتا ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەيئەتنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، مۇساپىرلارغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ۋە مۇساپىرلار رايونىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە ھېسشېيۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ بىرما ۋە باڭلادىشتا ئالىي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، شۇنداقلا باڭلادىشنىڭ كوكس بازار شەھىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ روھىڭيادىن بۇ شەھەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاراكاندىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا، بۇ يىل 25-ئاۋغۇستتىن ھازىرغىچە مىڭلارچە مۇسۇلمان جېنىدىن ئايرىلدى. بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانغا كىرىش-چىقىشلارغا رۇخسەت بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئېتنىك تازىلاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھۇجۇملاردا 300گە يېقىن يېزا بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلار تەرىپىدىن يوق قىلىندى، 600دىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلمان تاغلىق رايونلارغا، دەريا ياكى دېڭىز ئارقىلىق باڭلادىشقا قېچىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر