يەمەندىكى خولېرا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

يەمەندىكى خولېرا يۇقۇمىدا ئاپرېلدىن بۇيان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2180 گە يەتتى.

835817
يەمەندىكى خولېرا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، يەمەندە خولېرا يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققان 27 – ئاپرېلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 872 مىڭ 415 كىشى خولېرا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇنىڭ % 50 تىنى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ % 32 تىنى بالىلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، خولېرا يۇقۇمى يەمەندىكى 22 ۋىلايەتتىن 21 ىدە تارقالغان. پەقەت سوكوترا ۋىلايىتىدىلا خولېرا يۇقۇمى تارقالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەمەندە ئۇدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تەخمىنەن 3 مىليون كىشى پاكىزە سۇ قىيىنچىلىقى ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ يىغىلالماسلىقى نەتىجىسىدە ھەر كۈنى خولېرا بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر