ئافغانىستاندا ناتو ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىدە ناتو قىسىملىرىغا ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

836029
ئافغانىستاندا ناتو ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوگار ۋالىيسى مۇھەممەد ھالىم فەدائىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتو قىسىملىرىغا ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان ھىرۋار ناھىيەسىدە تالىبان نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرى جەريانىدا قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن، ۋەقەدە بىر ئافغانىستان ئەسكىرى يارىلانغان.

تالىباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتو ئايروپىلانى تالىبان تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ۋە ۋەقەدە 43 ئەسكەر ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر