بېلگىيەدە پ ك ك قولچوماقچىلىرى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى

بېلگىيەنىڭ ئانۋېرس شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ قولچوماقچىلىرى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

836024
بېلگىيەدە پ ك ك قولچوماقچىلىرى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدە بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 8 كىشى يارىلاندى، 50 تىن ئارتۇق پ ك ك قولچوماقچىسى قولغا ئېلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئانۋېرس شەھىرىدە پ ك ك قولچوماقچىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىملىرى چاپلانغان بىر ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ، تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان برېدېرودې كوچىسىغا بارغان ھەمدە بۇ يەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىغان، بۇ جەرياندا قولچوماقچىلاردىن بىرى بىر تۈرككە پىچاق تىقىۋەتكەن.

ھېت لاتستېنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلگىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىملىرى چاپلانغان ئاپتۇبۇسنىڭ برېدېرودې كوچىسى ئەتراپىدا ئايلىنىشىغا رۇخسەت قىلغان، بىراق ئاپتوبۇستىكىلەر قەستەن كوچىغا كىرىپ، ئىغۋاگەرلىك قىلغان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان ھەمدە ئاپتۇبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بىر سوت مەھكىمىسى «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس» دەپ ھۆكۈم چىقارغان بېلگىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولچوماقچىلىرى پات - پات نامايىش ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر