ئامېرىكا: ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق دەرھال توختىتىلسۇن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن بىرما ئارمىيەسى باش قوماندانى مىڭ ئاڭخلاڭنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

835719
ئامېرىكا: ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق دەرھال توختىتىلسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ھاۋېرت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تىللىرسۇننىڭ ئاڭخلاڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى  ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىر بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ھۆكۈمەتنى قوللاشقا، ئاراكان رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ھەمدە ئاراكانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىنسانلارنىڭ بىخەتەر ھالدا قايتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى. تىللىرسۇن ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلىشى، رايونغا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر