ئىراق ئارمىيەسى «‹رابىيە› چېگرا ئېغىزى» نى كونترول ئاستىغا ئالدى

ئىراق ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د ئۇنسۇرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن سۈرىيە چېگراسىدىكى «‹رابىيە› چېگرا ئېغىزى» نى كونترول ئاستىغا ئالدى.

834615
ئىراق ئارمىيەسى «‹رابىيە› چېگرا ئېغىزى» نى كونترول ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك ھەسەن رىزا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پ ي د لىق تېررورىستلار ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۈرىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق 15 – قىسىم مۇسۇلنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 2014 – يىلدىن بۇيان تاقاق بولغان رابىيە چېگرا ئېغىزىنى كونترول ئاستىغا ئالدى. ئىراق ئارمىيەسى بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى راببيە ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.»

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك / پ ي د پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ 2014 – يىلى ئۆكتەبىردە رابىيە ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى  دائېشتىن قولغا كىرگۈزۈشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە  چېگرا ئېغىزىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى كونترول قىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر