ئىراق باش مىنىستىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 25 – ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
833460
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىبادى زىيارىتى دائىرىسىدە چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – ئىراق ھەمكارلىقىنى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز رېفېراندۇمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇ دائىرىدە بىرلىكتە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.