ماكرون بارزانى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانىغا تېلېفون ئېلىپ، ئەربىل بىلەن باغداد ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

833402
ماكرون بارزانى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسئۇد بارزانىنىڭ ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەربىل بىلەن باغداد ئارىسىدىكى سۈركىلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ماكرون ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ دىيالوگ ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بارزانىنىڭ ماكرونغا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر