بارزانىنىڭ ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىندى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بايراقدارى گوران (ئۆزگىرىش) ھەرىكىتى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن مۇئاۋىنى كوسرەت رەسۇلنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

832297
بارزانىنىڭ ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوران ھەرىكىتى باياناتچىسى سورەش ھاجى، پارتىيەسىنىڭ سۇلايمانىييەدىكى مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «خەلقىمىز قېنى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن كۆپلىگەن زەپىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. پەشمەرگەنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتتى. كۆپلىگەن دوست دۆلەتتىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى ئۆتمۈشتە ئۇتۇق قازىنالمىغان ھۆكۈمەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ» دېدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانى ۋە مۇئاۋىنى كوسرەت رەسۇلنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھاجى، «(ئۇلار) ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىشلىرى كېرەك. شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت كابېنىتىمۇ تارقىتىۋېتىلىشى لازىم. مىللىي ئازادلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، باش مىنىستىرلىق قانۇنىمۇ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر