ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن رەققەنىڭ كونتروللۇقىنى دائېشتىن قولغا كىرگۈزگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د نى تەبرىكلىدى.

831565
ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللىرسۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەھەرنىڭ دائېشتىن ئازاد قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيە خەلقىنى،  ئۆزلىرىنى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» دەپ ئاتىۋالغان پ ك ك / پ ي د مەنسۇپلىرىنى ۋە سۈرىيە ئەرەب ئىتتىپاقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئىشىمىز تېخى تۈگىگىنى يوق. ئەمما رەققەنىڭ ئازاد قىلىنىشى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ تېررورىستلارنى مەغلۇب قىلىش يولىدا ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن سۈرىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق كۈچلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن. رەققەدە يېڭى باسقۇچتا پۇقراۋى بىر كېڭەش قۇرۇلىدۇ ۋە شەھەر بۇ كېڭەش تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش «پايتەخت» ئېلان قىلغان رەققەنىڭ كونتروللۇقى ئۇدا بىرقانچە ئاي داۋاملاشقان قورشاۋدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان 4 ئايلىق ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق  ئۆزلىرىنى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» دەپ ئاتىۋالغان پ ك ك / پ ي د تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى قولغا كىرگۈزۈلگەنىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ مەنسۇپلىرى رەققە مەيدانىغا پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىمىنى ئاسقان، مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان ي پ گ لىق بىر مىلىتان بولسا رەققەنى ئۆجەلانغا بېغىشلىغانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەققەدە پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىمىنى ئېسىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ۋەقەدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا رەققەدە پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىمىنى ئېسىش قىلمىشىنى قانداق چۈشەندۈرىدىكىن؟ ۋاشىنگتون ھەمىشە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى دەۋاتاتتى، ئەمدى قانداق قىلىدىكىن؟ قارايمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر