قوراللىق ھۇجۇم ئونلارچە ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
نىگېرىيەدە بىر قاراۋۇلخانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 10 ئەسكەر قازا قىلدى.
831642
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مالى چېگراسىغا يېقىن تىللابېرى رايونىىغا جايلاشقان قاراۋۇلخانا قوراللىق زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 10 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئەسكەر يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار زوراۋانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.