تۈركىيە يولۇچىلارنى ساقچى ئىتى ئارقىلىق تەكشۈرگەن ئاۋىستىرىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلىرىنى ۋىيانا سىچۋېچات ئايرودۇرۇمىدا ساقچى ئىتى ئارقىلىق تەكشۈرگەن ئاۋىستىرىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

830862
تۈركىيە يولۇچىلارنى ساقچى ئىتى ئارقىلىق تەكشۈرگەن ئاۋىستىرىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا،  ۋىيانا سىچۋېچات ئايرودۇرۇمىدا بىر تاموژنا خادىمىنىڭ ئايروپىلانغا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن سالوندا كۈتۈۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ساقچى ئىتى ئارقىلىق تەكشۈرگەنلىكى، بۇ ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن، شۇ كېچىسى ۋىيانا باش كونسۇلخانا مەسئۇللىرىنىڭ دەرھال ئايرودۇرۇمغا يېتىپ بېرىپ، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇنداق تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئاخباراتقا ئاساسەن ۋە نادىر ھالدا بارلىق ئايرودۇرۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋەقەدىن كېيىن ۋىيانا باش ئەلچىخانىمىز ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇنى ئاۋىستىرىيە دائىرىلىرىگە بىلدۈردى ھەمدە بولۇپمۇ تاموژنا خادىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئاۋىستىرىيە دائىرىلىرىمۇ بۇنداق سەزگۈر مەسىلىلەردە بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر