سومالى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

سومالى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

830411
سومالى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا مىڭلارچە كىشى 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەش ۋە بۇ جەريانىدا سومالىغا ياردەم بەرگەن ئەللەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇ، باش مىنىستىرى ئەلى خەيرى، كۆپ ساندا مىنىستىر، پارلامېت ئەزالىرى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇقدىشودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكار قاتارلىق دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان نامايىشتا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەيىبلەندى.

نامايىشچىلار «تېررورىزمغا قارشى تۇرايلى» ، «تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ قالمايمىز» ۋە «مىللىي بىرلىكنى قوغدايلى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلارنى ھەم تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى.

پىرېزىدېنت فەرماجۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن 14 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى، تېررور قۇربانلىرىنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرى ئۈچۈن يېتىمخانا تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سومالى خەلقىنى تېررورىزمغا قارشى ۋەتىنىنى قوغداشقا چاقىردى ھەمدە تۈركىيە قاتارلىق سومالىغا ياردەم قىلغان، يارىدارلىرىنى داۋالاپ بەرگەن دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

باش مىنىستىر خەيرىمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشاۋاتقان سومالى پۇقرالىرىمۇ مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

جوھانېسبۇرگ ۋە كەيپ تاۋن  شەھەرلىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان سومالىلىقلار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا لەنەت ياغدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر