ئىراق ئارمىيەسى كەركۈك ۋە شەنگالنى قولغا كىرگۈزدى

ئىراق ئارمىيەسى ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەركۈك ۋە شەنگالنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

828399
ئىراق ئارمىيەسى كەركۈك ۋە شەنگالنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى؛ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ كەركۈك ئەتراپىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئىبادىنىڭ كەركۈكتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقتىن كېيىن، ئىراق ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنى كېچىسى كەركۈكتىكى ھەربىي بازا ۋە نېفىت قۇدۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، كەركۈك ئايرودۇرۇمى، شىمالىي نېفىت شىركىتى، كەيۋان ھەربىي بازىسى، كەركۈك ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىغا ئوخشاش ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى. ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقى، ئارمىيەنىڭ باشقا نېفىت ساھەلىرىنى قولغا ئېلىشىغىمۇ ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەركۈكنىڭ ئىراق ئارمىيەسى ۋە ھەشدۇششەئبى قوراللىقلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشىدىن كېيىن، كەركۈك قەلئەسىگە تۈركمەن بايرىقى چىقىرىلدى. تۈركمەن بايرىقىنىڭ قەلئەگە ئېسىلىشىغا ئەرەب، تۈركمەن ۋە كوردلارنىڭ بىرلىكتە قارار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كورد ۋەتەنسۆيەرلەر بىرلىكىگە قاراشلىق پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلەر) لەرنىڭ چېكىنىشى پەشمەرگە كۈچلىرى ئارىسىدا كىرىزىس ياراتتى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 10 پەشمەرگەنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇلغا قاراشلىق شەنگالغا كىرىپ، ئۇ يەرنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغانلىقى، پەشمەرگەلەرنىڭ توقۇنۇشسىزلا چېكىنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

شەنگالغا كىرگەن ھەشدۇششەئبى ئەزالىرىنىڭ 500 – 600 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، بىرلەشمە ساقچى قىسىم ۋە ئارمىيەنىڭ شەھەر مەركىزىگە كىرمەستىن ئەتراپتىكى رايونلاردا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر