كاتالونىيە 25-دېكابىردا مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كاتالونىيە مادرىد ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

828406
كاتالونىيە 25-دېكابىردا مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جاۋكىيىم فورن مادرىد ھۆكۈمىتى بىلەن بارسېلونا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمىگەن تەقدرىدە بۇ يىل 25-دېكابىردا مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاتالونىيە كابېنتى تەرىپىدىن يېزىلغان مەكتۇپ توغرۇلۇق توختالغان فورن ئىسپانىيە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان ئەھۋالدا، رايونلۇق پارلامېنتنىڭ مۇستەقىللىق ئېلانىنى توختىتىپ قويۇش قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى كاتالونىيە مەسئۇللىرى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ قىلمىغانلىقى مەسىلسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلىپىگە جاۋاب بەرمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى باشلىقى كارلېس پۇيىگدېمونت (Carles Puigdemont) ئىسپانىيەنىڭ «مۇستەقىللىقىڭلارنى  ئېلان قىلدىڭلارمۇ؟»دېگەن سوئالىغا مەكتۇپ ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي (Mariano Rajoy) بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈپ 2 ئاي ئىچىدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ يولىنى ئېچىش لازىملىقىنى دېگەنىدى.

ئىسپانىيە مۇئاۋىن باش مىنسىتىرى سورايا سائېنىز دې سانتامارىيا (Soraya Sáenz de Santamaria) ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ھۆكۈمىتىگە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ قىلمىغانلىقىنى جاكارلىشى ئۈچۈن مۇشۇ پەيشەنبە كۈنىگىچە مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سورايا سائېنىز دې سانتامارىيا  كاتالونىيە باش مىنىستىرى پۇيىگدېمونتنىڭ  دىيالوگ چاقىرىقىنىڭ «قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى» ۋە بۇ مەسىلىنىڭ باشقا جايدا ئەمەس ئىسپانىيە پارلامېنتىدىلا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر