ئابې: رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابى، رۇسىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان تەقدىردە، بۇنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

827686
ئابې: رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كىئودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، شىنزو ئابېنىڭ خوككائىدو ئارىلىدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، رۇسىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «جەنۇبىي كۇرىل ئاراللىرىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى، بىزنىڭ سەمىمىي ئارزۇيىمىز. بۇ مەسىلىنى بىز - مۇشۇ ئەۋلاد ئىچىدە ھەل قىلىشنى نىشان قىلماقتىمىز. كېلىشىم ئىمزالانغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان شارائىتلارنى يارىتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيە ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغان كۇرىل ئاراللىرىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ كەلمەكتە. ياپونىيە ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر