پۇتىن خەلقئارانى سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق باش قاتتۇرۇشقا چاقىردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خەلقئارانى سۈرىيەنى قايتىدىن بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇشقا چاقىردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈرىيەدە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۈرىيەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇشقا چاقىردى.
سان-پېتېرسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتلارئارا ئىتتىپاقى 137-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ۋىلادىمىر پۇتىن رايون دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە سۆھبەتلىرى تۈرتكىسىدە سۈرىيەدە 4 «توقۇنۇشماسلىق رايونى»بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنى تېررورىزىمدىن تازىلاش خىزمەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
پۇتىن تېررورىزىمغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىگە ئەستايىل مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ھەققىي ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېررورىزىمغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.