ئامېرىكىدىكى ئورمان ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 گە يەتتى.

826785
ئامېرىكىدىكى ئورمان ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە توك ۋە تەبىئىي  گاز بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتىدە 6 مىڭغا يېقىن بىنا ۋەيران بولغان. 34 مىڭ ئائىلىنى توك بىلەن، 47 مىڭ ئائىلىنى تەبىئىي  گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، ئىشتاتتىكى 17 رايوندا يۈز بەرگەن ۋە تەخمىنەن 200 مىڭ دۆنۈملۈك يەر زىيانغا ئۇچرىغان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 9 مىڭ ئەتراپىدا ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.

كالىفورنىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى مارك چىلاردۇكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش يولىدا ناھايتى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋال يەنىلا جىددىي ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر