چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھامس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ۋە پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد مالكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

826787
چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇرەسسەلىشىشىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا يارىشىشى پەلەستىن تەرەپنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىغا كۈچلۈك ھالەتتە چىقىشى، خەلقئارا سەھنىلەردە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق قوغدىشى جەھەتتىن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا يارىشىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. تەرەپلەر ئارا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ناھايىتى مۇھىم. ھەرقايسى تەرەپلەر  پايتەختى قۇددۇس بولغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل ۋە جۇغراپىيەلىك ئىزچىللىقى ساقلاپ قېلىنغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىدىغان ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم پىلانىنى ئورۇنلاش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۈچلۈك ھالدا بايان قىلىشى كېرەك. تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتىمۇ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى داۋاملىق باغرىغا باسىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر