ترامپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى يەنە بىر قېتىم «توپقا» تۇتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، يەنە بىر قېتىم يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى «توپقا» تۇتتى.

825592
ترامپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى يەنە بىر قېتىم «توپقا» تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، NBC قانىلىنىڭ «ترامپنىڭ تېخىمۇ كۆپ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى خەۋىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەقەت قوراللارنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، تاراتقۇلارنىڭ خالىغىنىنى يازالايدىغان بولۇشىنىڭ يىرگىنىشلىك بىر ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىملىقىنى؛ زۆرۈر تېپىلسا، سىملىق تارقىتىش بېرىدىغان خەۋەر قاناللىرىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

NBC قانىلى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ پىرېزىدېنت ترامپنى «كالۋا» دېگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغانىدى. مەزكۇر خەۋەر ئاقساراي تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر