شوتلاندىيەمۇ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى

شوتلاندىيە ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

824423
شوتلاندىيەمۇ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ئانگۇس روبېرتسون (Angus Robertson) شوتلاندىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن قايتا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى بۇ يىل ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا شوتلاندىيەگە ئاجرىتىلغان 56 ئورۇندۇق ئىچىدە 31گە ئېرىشكەنىدى.

شوتلاندىيە 2014-يىلى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئويلىغان نەتجىگە ئېرىشەلمىدى.  

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىشى بىلەن تەڭ، شوتلاندىيەدە قايتىدىن مۇستەقىللىق تەلەپلىرى كۈنتەرتىپكە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر