رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىران پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

825008
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىران پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ ئامېرىكىنىڭ ئىران ئئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىغا قارشىمىز. چۈنكى بىز ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمىز. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ھەقتە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنىڭ ھەممىسى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى بۇزۇشنى نىشان قىلىدۇ. ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش سۈرىيە كىرىزىسىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا 2015 – يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئىران ئئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر