باغداد شىمالىي ئىراق بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى ئېلان قىلدى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى پايتەخت باغدادتىكى ھۆكۈمەت سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

824664
باغداد شىمالىي ئىراق بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى 25 – سېنتەبىردىكى قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرماي تۇرۇپ دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، دەتالاشلىق رايونلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر جايلاردىكى پەشمەرگە كۈچلىرىنى مەركىزىي ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشماسلىققا چاقىردى.

ئۇ پايتەخت باغدادتىكى ھۆكۈمەت سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا باغداد بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا جاۋاب بەردى. ھەيدەر ئىبادى مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر دىيالوگ ئىراقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى شۇنداقلا ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا باغلىقتۇر. بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا ھېچكىم بىلەن سۆزلەشمەيمىز ۋە بۇ بىكار قىلىنماي تۇرۇپ مۇزاكىرىمۇ ئۆتكۈزمەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر