رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

سۈرىيەدە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

824115
رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ « Su-24 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ لازقىيە شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان ھىمېيمىم ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا قوزغىلىۋاتقاندا تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەدە ئۇچقۇچىلار پاراشوت بىلەن سەكرەشكە تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما  ھەممىسى ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر