زۇكام 370 دىن ئارتۇق ئاۋسترالىيەلىكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئاۋسترالىيەدە 370 ئادەم زۇكامدىن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، 160 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زۇكامدىن داۋالانماقتا.
823128
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل تارىخىنىڭ ئەڭ ناچار زۇكام تارقىلىشىغا دۇچ كەلگەن ئاۋسترالىيەدە، زۇكام بولغۇچىلار سانى %150 ئېشىپ كەتتى. ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ۋاكسىنا سالدۇرغانلارنىڭ %85 ىتىنىڭ مەزكۇر زۇكامغا دۇچار بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاكسىنا سالدۇرغان قالغان %15 كىشىگە تەسىر كۆرسەتمەسىلىكىدىكى سەۋەبكە «ۋاكسىنا تەركىبىدىكى ئۆزگىرىشچان بىر ۋىرۇسنىڭ ۋاكسىنا ئۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى» ئۈچۈن دەپ ئىزاھات بېرىلدى.
ئاۋسترالىيە، زۇكام تۈپەيلى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.