كولومبىيەدە يەر كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

كولومبىيەنىڭ غەربىدىكى بىر كۈمۈش كېنىدا يەر كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 6 كىشى قازا قىلدى.

822128
كولومبىيەدە يەر كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چوكو رايونىدىكى مۇنگانا دەرياسى ئەتراپىغا جايلاشقان بىر كاندا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يەر كۆچۈش مەيدانغا كەلگەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز ئىلىتىلىۋاتقان كاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 4 ى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر