ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان بىلەن كۆرۈشتى.

821569
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

ئىككى تەرەپلىك ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، سودا – ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئورتاق ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنىمۇ چاقىرىلىدۇ.

ئەردوغان بىلەن مادۇرو  ئاخىرقى قېتىم سېنتەبىر ئېيىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر