ئىراق ئارمىيەسى ھاۋىجەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىراق ئارمىيەسى، كەركۈك ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھاۋىجە ناھىيەسىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

820758
ئىراق ئارمىيەسى ھاۋىجەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋىجە ھەربىي ھەرىكىتى قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال ئابدۇلئەمىر يارۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھاۋىجە ناھىيە مەركىزىنىڭ دائېشتىن تەلتۆكۈس قۇتقۇزۇلغان» لىقىنى جاكارلىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 29 – سېنتەبىردە بايانات بېرىپ، «ھاۋىجەنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر