ئونلارچە تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 11 تېررورىست ئۆلتۈرۈلدى.
820330

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى 209 – بۈركۈت بىرلەشمە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇندۇزنىڭ ئىمام ساھىب ناھىيەسىگە قاراشلىق قۇندۇز رايونىدا تالىبانغا قارشى ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا 2 سى مۇھىم قوماندان بولۇپ، 11 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، 17 سى يارىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بۇچا شەھىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىكى بازارلار قايتىدىن جانلاندى.