كاتالونيا بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلايدىغان بولدى

كاتالونيا ئاپتونوم رايونى رەھبىرى چارلېس پۇگدېمونت «ھېچبىر خەلق ئۆز ئىرادىسىگە قارشى زوراۋانلىق بىلەن، تاياق بىلەن  مەجبۇرلاپ تېڭىلغان ھاكىمى مۇتلەقلىقنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىقى لازىم» دېدى.

820167
كاتالونيا بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونيا ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى باشلىقى چارلېس پۇگدېمونت بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چارلېس پۇگدېمونت رايوندا يەكشەنبە كۈنىدىكى قانۇنسىز مۇستەقىللىق سايلىمىدىن كېيىن تۈنجى سۆھبەتنى ئەنگلىيەنىڭ  «BBC» قانىلى بىلەن ئۆتكۈزدى. چەت ئەللەردە تاشلانغان بېلەتلەرنىمۇ سانىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتىنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بارلىق رەسمىي نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىپ، 48 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مۇستەقىللىقىمىزنى رەسمىي جاكارلايمىز» دېدى.

چارلېس پۇگدېمونت «ئىسپانىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى قانداقمۇ رۇخسەت قىلسۇن؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ھېچبىر خەلق ئۆز ئىرادىسىگە قارشى زوراۋانلىق بىلەن، تاياق بىلەن  مەجبۇرلاپ تېڭىلغان ھاكىمى مۇتلەقلىقنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىقى لازىم. بۇ مەسىلە پەقەت دېموكراتىيە بىلەن ھەل بولىدۇ. دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى خۇددى مۇتلەق ھەقىقەتتتەك ياكى خەلقنىڭ ئىرادىسىدىنمۇ مۇھىمدەك ۋە ياكى ئىنجىلدەك كۆرسىتىپ ئىزاھلاۋاتقان ئىنسانلار بار»  دېدى.

كاتالونيا ئاپتونوم رايونى رەھبىرى يەنە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئىسپانىيەنىڭ ئىچكى مەسلىسى، دەپ بايانات ئېلان قىلدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاپ بېرىپ: «ياق، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق گەپ. پەرىزىمچە ھەممەيلەن مەسلىسىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يەردە ھېچ كىشى بۇنىڭغا قېتىلمايدۇ. بۇ ياۋروپانىڭ مەسىلىسى. مېنىڭچە بىز بىزگە قۇلاق سېلىشقا تېگىشلىك ھەققىمىزگە ئىگە بولدۇق. مېنىڭ چۈشىنىشتە قېينىلىۋاتقىنىم، مەسىلىگە ئېتىبار بەرمەيۋاتقانلىقىدۇر. بىزگە قۇلاق سېلىشنى خالىمايۋاتقانلىقىدۇر. ئەگەر ياۋروپا ئىسپانىيەنىڭ ھىمايىسىگە ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان ۋە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىدىغان بولسا، بۇ پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىشتۇر» دېدى.

چارلېس پۇگدېمونت ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق سايلىمى جەريانىدىكى مۇداخالىسىغا قارشى ھېس قىلغانلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ئازابلىنارلىق ۋەقە بولدى. تولىمۇ يېقىندىن كۆردۈم. ساقچىلار ھېچ ئايرىپ ئولتۇرماستىن، مەنمۇ بېلەت تاشلايدىغان مەركەزنىڭ دەرىزىلىرىنى چىقىپ تاشلىدى. ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن ئىنسانلار ساقچىلاردىن تاياق يىدى. ياشانغان ئاياللار ۋە ھىچ ئىش قىلمىغان گۇناھسىز ئىنسانلارنى ئۇرۇپ تۇرۇپ، <ئىسپانىيە ياۋروپا دېموكارتىيەسىنىڭ جەننىتىدۇر> دېگەن گەپنى باشقىلارغا قانداقمۇ قىلالىسۇن؟ بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. دېكتاتور فىرانكونىڭ ئۆلۈمىدىن بۇيان بۇنداق تەڭپۇڭسىز، زالىملارچە كۈچ ئىشلىتىشنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق» دېدى.

رايوندا تۈنۈگۈن يەنە، مىڭلىغان كىشى مۇستەقىللىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغان ساقچى ۋە ژاندارما قىسىملىرىنىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىگە نارازىلىق بىلدۇرگەن شۇنداقلا بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىش تاشلاش نامايىشى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر