گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى ھېننىس پىلاسچېرت بىلەن ئارمىيە گېنىرالى توم مىددېندورپ مانىۋېر جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 2 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

819975
گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېننىس پىلاسچېرت مالىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 2 نەپەر گوللاندىيە ئەسكىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

ھېننىس پىلاسچېرت پارلامېنتتا خېلى كەچكىچە ئۆزىنى ئاقلاپ باياناتلارنى بەرگەندىن كېيىن، 2016 – يىلى مالىدىكى مانىۋېر ئەسناسىدا بۇزۇلغان مىنامىيۇتلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان 2 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھېننىس پىلاسچېرت گوللاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋەقە ھەققىدىكى دوكلاتنى كۆرگىنىدە، خاتا ۋە كېچىككەن قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنداق ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايتتىم» دېدى.

ھېننىس پىلاسچېرت ئۆزى بىلەن بىرلىكتە گوللاندىيە ئارمىيەسى گېنېرالى توم مىددېندورپنىڭمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مالىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق قىسىملار 2016 – يىلى ئۆتكۈزگەن مانىۋېر جەريانىدا، بۇزۇلغان مىنامىيۇت پارتلاپ كېتىش سەۋەبىدىن 2 نەپەر گوللاندىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە بىر ئەسكەر يارىدار بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر