ترامپ: لاس ۋېگاس ھۇجۇمى شەيتانلارچە ھەرىكەت

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ لاس ۋېگاس قوراللىق ھۇجۇمىنىڭ شەيتانلارچە ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

819019
ترامپ: لاس ۋېگاس ھۇجۇمى شەيتانلارچە ھەرىكەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاس ۋېگاس ۋالىيسى جو لومباردونىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 59 غا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 527 گە يەتكەن. زوراۋان ستېوىن پادوكنىڭ ھۇجۇم جەريانىدا قالغان مېھمانخادىكى ياتىقىدا 16 دانە ئاپتوماتىك مىلتىق تېپىلغان.

 ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش بىيۇروسى (FBI) ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، مىڭلارچە ئوق - دورا ۋە ئاممونىي نىتراتنى قولغا چۈشۈرگەن. FBI نىڭ بىر ئەمەلدارى بولسا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھۇجۇمنىڭ ھېچقانداق خەلقئارالىق تېررورىست گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە زوراۋان ستېوىن پادوكنىڭ دائېش بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى رەت قىلغان.

ۋەقەدىن كېيىن لاس ۋېگاسنىڭ كلارك ناھىيەسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئورتاقلاشقان 1969 – يىلىغا ئائىت بىر ئېلاندا ئەسكەرتىلىشىچە، زوراۋاننىڭ دادىسى ھوسكىن پادوك FBI تەرىپىدىن «ئەڭ كۆپ ئىزدىلىۋاتقانلار» تىزىملىكىدە بولۇپ، بانكا بۇلاش، ماشىنا ئوغرىلاش ۋە قورال ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر سەۋەبىدىن  FBI ئۇنى «بىنورمال ئادەم»، «قوراللىق ۋە خەۋپلىك ئۇنسۇر» دەپ ئاتايدىكەن.

زوراۋاننىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا ياشاۋاتقان قېرىندىشى ئېرىك ھۇدسون پادوك ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئاكىسىنىڭ بۇنداق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشەنمەي قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيمەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تولىمۇ ھەيران قالدۇق. چۈنكى ئاكام ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولۇپ، ئاندا – ساندا مېھمانخانىلارغا ۋە قىمار ئويناشقا كېتەتتى. بەزىدە ئانامغا مانتا ئەۋەتەتتى» دېگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ لاس ۋېگاس ساقچىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، پادوك قانۇنلۇق ئۇچقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى دانە كىچىك ئايروپىلانى بار ئىكەن، ئۇنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ئايلىق بانكا ھېساباتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ بىرقانچە مىڭ دوللارنى قىمار ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاق سارايدا ھۇجۇم توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «لاس ۋېگاس ھۇجۇمى شەيتانلارچە بىر ھەرىكەت بولۇپ، بۇنداق تىراگېدىيەلىك بىر كۈندە پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقى بىر گەۋدىلەشتى. شۇڭا بۇنداق شۇم نىيەتلىك ھەرىكەتلەر بىرلىكىمىزگە ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.»

چارشەنبە كۈنى لاس ۋېگاسقا بېرىپ، ھۇجۇمدا يارىلانغانلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، دۆلەتتە بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈش ئۈچۈن يوليورۇق بەرگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر