ناۋاز شەرىف قايتىدىن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

پاكىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف، قايتىدىن پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

819172
ناۋاز شەرىف قايتىدىن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئىسلامئابادتىكى قۇرۇلتاي مەركىزىدە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيەسى ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يالغۇز نامزات بولغان شەرىف، پارتىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. سايلامدىن كېيىن پارتىيە ۋەكىلى تارىق فازىل چودرى، شەرىفنىڭ پارتىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقىغا دائىر ماتېرىياللارنى پاكىستان سايلام كومىتېتىغا تەقدىم قىلدى.

پاكىستان سايلام كومىتېتىنىڭ پات يېقىندا ناۋاز شەرىفنىڭ پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

پاكىستان دۆلەت مەجلىسى، 28 – ئىيۇلدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ناۋاز شەرىفنىڭ قايتىدىن پارتىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنالىشىنى ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان بىر قانۇننى تۈنۈگۈن كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلغانىدى.

يېڭى قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولالمىغان كىشىلەرمۇ پارتىيە باشلىقى بولالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر