نۇرغۇن يېزا – قىشلاقلار دائېشتىن ئازاد قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەركۈككە قاراشلىق ھاۋىجە ناھىيەسىدىكى بىر ئايرودۇرۇم بىلەن 25 يېزا - قىشلاق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىندى.

818463
نۇرغۇن يېزا – قىشلاقلار دائېشتىن ئازاد قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال ئابدۇلقادىر يارۇللاھنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ھەشدى شەبى كۈچلىرىنىڭ ئەلفەتھە ئايرودۇرۇمى، ئاجىل تېغىدىكى نېفىت چىقىرىش شىركىتىگە ئائىت بىر بىنا، ھەمرىن تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن 25 يېزا – قىشلاق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىنغان.

بۇ ئارىلىقتا، «دائېش ئوۋچىسى» دەپ ئاتالغان ۋە يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق دائېشچىنى ئۆلتۈرگەن مەرگەن ئەبۇ تاھسىننىڭ ھاۋىجەدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەبۇ تاھسىننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت مۇراسىمىغا ئىراقلىق شىئە رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى سىستانىنىڭ ۋەكىلىمۇ قاتناشتى. ئەبۇ تاھسىننىڭ ئىلگىرى ئىراق ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ۋە 1973 – يىلدىن بۇيان باغداد قاتناشقان بارلىق ئۇرۇشلاردىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى ھاۋىجەنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنىڭ 21 – سېنتەبىر، ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ بولسا 29 – سېنتەبىر باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر