لاس ۋېگاس ھۇجۇمچىسىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى

ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدىكى مۇزىكا فېستىۋالى ھۇجۇمچىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

818532
لاس ۋېگاس ھۇجۇمچىسىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 50 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋاننىڭ 64 ياشلىق ئامېرىكىلىق ستېوىن پادوك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لاس ۋېگاستىكى بىر مېھمانخانىنىڭ 32 – قەۋىتىدىكى  كونسېرت فېستىۋالىغا قاتناشقانلارغا ئوق چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، لاس ۋېگاس ساقچىلىرى ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تېگى ئاسىيالىق بىر ئايالنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.

ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كانساس ئىشتاتىدىمۇ يېڭى ۋاسكىتبول مەۋسۇمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كانساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى قازا قىلدى، 2 كىشى يارىلاندى.

ئۇنىۋېرسىتېت باياناتچىسى ئېرىن باركومب – پېتېرسوننىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يوق ئىكەن.

كانساس جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئانتونى برايكسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا تەخمىنەن 20 پاي ئوق ئېتىلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داۋالىنىۋاتقان يارىدارلارنىڭ ئاەھۋالى ئېغىر ئەمەس بولۇپ، جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر