باڭلادىش بىرمادىن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى

باڭلادىش ھۆكۈمىتى بىرما دائىرىلىرىگە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قايتۇرۇپ كېتىش تەكلىپىنى بەردى.

818402
باڭلادىش بىرمادىن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش ھۆكۈمىتى بىرمادىن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

باڭلادىش تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇد ئەلى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت پايتەخت داككادا بىرما دۆلەت پىرېزىدېتنلىقى باش سېكرىتارى ئۇ كىياۋ تىنت سىۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە بىرما دائىرىلىرىگە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرماغا قايتىپ كېتىشى ۋە ب د ت نىڭ سابىق باش سېكرىتارى كوفى ئاننان باشچىلىقىدىكى ئاراكان مەسلىھەت كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ تەدبىقلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق كېلىشىم لايىھەسى تاپشۇرۇلغان.  

باڭلادىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ يىللاردىن بۇيان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىرما دائىرىلىرىگە باڭلادىشتىكى ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش توغرۇلۇق بىرما دائىرىلىرى ھازىرغىچە بايانات بەرمىدى.

مەلۇم بىر يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلى باڭلادىش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاسادۇززامان خان كامالنىڭمۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلسىىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىرمانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر