«ئاياللارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ تېگىدە ئەرلەرنىڭ خوجايىنلىق تۇيغۇسى ياتىدۇ»

ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشملىرىدىن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر باش فېدراتسىيەسى ئاياللارنىڭ ھوق-مەنپەئەتنى قوغداپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

817565
«ئاياللارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ تېگىدە ئەرلەرنىڭ خوجايىنلىق تۇيغۇسى ياتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشملىرىدىن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر باش فېدراتسىيەسى پايتەخت رىم ۋە نۇرغۇن شەھەردە ئاياللارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراپ كېلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىلىش تەشكىللىدى.

پايتەخت رىم ۋە نۇرغۇن شەھەردە «ئەركىنلىكىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ياقلىغۇچىلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى.  

پايتەختنىڭ ئاۋات مەيدانلىرىدىن بولغان ۋەنەدىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقىمۇ يۈزلەرچە كىشى قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ زوراۋانلىققا ۋە دەپسەندىچىلىككە  ئۇچرىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

يىغىلىشقا ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ياقلايدىغان نۇرغۇن ئەر كىشىمۇ قاتناشتى.

رىمدىكى يىغىلىشتا سۆز قىلغان ئىتالىيە ئىشچى-خىزمەتچىلەر باش فېدراتسىيەسى باشلىقى سۇساننا كامۇسسو ئاياللارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىشىنىڭ تېگىدە  ئەرلەرنىڭ خوجايىنلىق تۇيغۇسىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: « ئايال كىشىنى ئەركىن ئىنسان ئەمەستەك ۋە گويا ئەرلەر قىلماقچى بولغان نەرسىلەرنى قىلىدىغان بىرى سۈپىتىدە كۆرۈشتەك قاراش مەۋجۇت، بۇ قاراشتا داۋاملىق <سەن ماڭىلا تەئەللۇق> دېيىلىدۇ، بىز بۇ قاراش ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ قاراشنىڭ تېگىدە ئەرلەرنىڭ خوجايىنلىق تۇيغۇسى ياتىدۇ.»

كامۇسسو ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ تېگىدە قانداقتۇر كېسەللىك ياكى تەلۋىلىكنىڭ يوقلىقىنى، بەلكى  دەل ئەكسىچە قېلىپلىشىپ قالغان ئىش-ھەرىكەت ئەندىزىلىرىنىڭ بارلىقىنى دېدى.

ئاۋام پالاتاسى باشلىقى لاۋرا بولدرىنى ئۇيۇشمىلارنىڭ ئاياللارنىڭ مەنپەئەتنى قوغداپ تەشكىللىگەن بۈگۈنكى يىغىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى كۈچلۈك ھالدا قوغدايدىغان تەرىقىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىتالىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 120 ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر